-
2008-06-26
ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى
ھازىرنۇرغۇن ياشلىرىمىز ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتىدۇ ھەم ئۈگەنمەكچى، لىكىن نىمىشقا نۇرغۇن ياشىلىرىمىز ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن باشلايدۇ يۇ ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قۇيىدۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئۈگىنىش مەقتىسىتڭىز بولسا باشتا سىز نىمە ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز كېرەك. بەزى ياشلار قارغۇلارچىلا باشقىلار ئۈگىنىپتۇ، مەنمۇ ئۈگىنەي دەپلا ھىچبىر نىشانسىز ئۈگەنگەچكە يېرىم يولدا ئۈزۈپ قۇيىدۇ.
مەن تۈۋەندە بىر قانچە ئىگىلىزتىلى ئۈگەنگۈچىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مەسىلەرنى ئۇتتۇرغا قويماقچى...
.ئىنگىلىزتىلى قانداق تىل؟ ئۇ قايسى تىل ئائىلىسىدىكى قايسى تىل گۇرىپىسى، قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ؟)
جاۋاپ: ئىنگىلىزتىلى - سۆزلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىش، ياسىلىش، قائىدە-قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان سېنتىتىك تىل.*
ئىنگىلىزتىلى ھىندى -ياۋرۇپا تىللىرى سىېستىمىسى گرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي جەنۇپ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ.
ئىنگىلىز يېزىقى قانداق مەنبەلەردىن كەلگەن ؟ھازىرقى ئىنگىلىزتىلى يېزىقى قانچە ھەرپتىن تەشكىل تاپقان؟
جاۋاپ: ئنگىلىزتىلى يېزىقىنىڭ مەنبەسى -لاتىن يېزىقى،لاتىن يېزىقىنىڭ مەنبەسى- گرىك يېزىقى ،گرىك يېزىقىنىڭ مەنبەسى قەدىمكى فىنىك يېزىقى
ھازىر ئىنگىلىزتىلدا 26 ھەرپ بار، بۇ 26 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇش 48.بۇنىڭ ئىچىدە 20سوزۇق تاۋۇش، 28ئۈزۈك تاۋۇش
ئامېرىكا ئىنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئنگىلىزتىلى ئۇتتۇرسىدا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
: شۇنى ئاۋۋال ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، تىگى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئنگىلىزتىلى ئوتتۇرسىدا پەرق ئۇنچە زور ئەمەس.پەرق ئاساسلىقى بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنىڭ ئىشلىتىىلىشىدە ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئازراق ئوخشىماسلىقلار كۆرۈلىدۇ.ئەنگىليە ئىگىلىز تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ئامىرىكا ئىنگىلىزتىلىدا باشقا سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
جەھەتتىكى پەرق نۇقتىسسىدىن ئالغاندا،ئامېرىكا ئىنگىلىز تىلىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش ئەنگلىيە ئىنگىلىزتىلىدىكىگە قارىغاندا بەكرەك سوزۇپ،بولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.سىيرىلاڭغۇ تاۋۇش «R»نىڭ تىترىشى ۋە شاۋقۇنى گەۋدىلىك بۇلىدۇ،ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدىن پەرقلىق ھالدا چۈشۈرۈپ قويۇلماي قويۇلماي ئىېيتىلىدۇ. لىكىن، ئامىرىكا ئىنگىلىزتىلى ۋە ئەنگىليە ئىنگىلىزتىل ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىدىن ساقلىنىش كېرەك، مەسلەن: «مەن ئەنگىلىيە ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنگەن ،قانداق قىلىسام ئۇنى ئامېرىكا ئىنگىلىزتىلىغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟» دىگەندەك . يەنە بىر قىسىم ئۆگەنگۈچىلەر بولسا ھەقىقىي جانلىق ئامېرىكا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش پەللىسىدىن تۇلىمۇ يىراق تۇرۇپ،«پۇستانى ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا سۆزلىيەلمەيدۇ، پالانچىنىڭ تەلەپپۇزى ناچار» دەپ باشقىلارنىڭ تەلەپپۇزىنى باھالايدۇ، بۇ خۇددىي ئۆزى ئۆملەپ كېتىۋىتىپ «باشقىلارنى يۈگۈرەلمەيدۇ» دەپ زاڭلىق قىلغاندەكلا بىر ئىش، بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش كېرەك.
دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدا قانداق ئىنگىلىزتىلغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىمتىھانلار بار؟
جاۋاپ: 1. دۆلەتلىك6-، 4-دەرىجىلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھان. بۇ ئىمتىھان جۇڭگودىكى ئىنگىلىزتىلى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن ھەر يىلى ئىيوننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ،ۋە يانۋارنىڭ بېشىدا ئېلىنىدۇ.«ئاڭلاش، ئۇقۇپ چۈشىنىش، سۆزلۈك ۋە قۇرۇلما،قىسقىچە جاۋاپ بېرىش،يېزىقچىلىق »شەكىللەردىن تەركىپ تاپقان.
TOEFLئىمتىھانىنى ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنگىلىزتىلى ئانا تىلى بولمىغانلارنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن يولغا قويغان.ھازىر ئامېرىكا ۋە كانادادا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە 2000ئارتۇق ئۇنىۋېرىستېر ۋە ئىنىستىتوت بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلىدۇ.بۇ ئىمتىھان« ئاڭلاپ چۈشىنىش، گرامماتىكا، ئوقۇپ چۈشىنىش ،ماقالە يېزىقچىلىقى» دىن تەركىپ تاپىدۇ.ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا.بۇ ئىمتىھان ھەر يىلى شىنجاڭدا ئىككى قىتىم، ئىچكىردە تۆت قىتىم ئېلىندۇ.ئون مىڭ ئەتراپىدىكى سۆزنى پىششىق بىلىش تەلەپ قىلىندۇ.
IELTS
雅 思ئىمتىھانى . بۇ ئىمتىھاننى ئوكسىغورد ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان كومىتېتى،ئاۋسترالىيە ئالىي مەكتەپلەر مائارىپى خەلقئارا تەتقىقان مەھكىمىسى، ئەنگىليە مەدەنىيەت -مائارىپ كومتىېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.ئەنگىليە مەدەنىيەت -مائارىپ كومىتىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىمتىھان ئېلىشقا مەسئول بۇلىدۇ. بۇ ئىمتىھاندا 9 نۇمۇرلۇق نەتىجە سىستىمىسى قوللىنىلىدۇ.ئوتتۇرىچە نومۇر ئاڭلاش ،يېزىقچىلىق ،ئوقوپ چۈشىنىش ،ئىغىزتىلى قاتارلىق تۈرلەر ئومومىي نۇمۇرنى 4 كە بۆلۈشىدىن ھاسىل بۇلىدۇ. بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئەنگلىيە ئىتتپاقىدىكى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە،كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىدۇ.ھازىر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئېتراپ قىلىدىغان بولدى. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد شۆيۈەنىدە تىزىملىتىلىدۇ.
ئاخىرىدا بىر ئىنگىلىزچە تىكىستىنى دوسلارغا سۇنماقچىمەن:
ئۇيغۇر تىلى ماڭا تەلداشسىزلىق بېغىشلايدۇ،مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي-پىكىرىمنى ۋە مۇھەببتىمنى ئىپادىلەيمەن...
Uyghur language makes me feel unique,I use it to express my thought and love...
خەنزۇ تىلى ماڭا جدىدىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن... .
Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive...
ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ،مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن...
Arabic makes me to be touched deep in heart,I use it to clean my soul...
ئىنگلىزتىلى مىنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن
English makes me feel hope,I use it for better life and better opportunity
ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى...
مەنبە- سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى随机文章:
ئېنگىلىزتىلىنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك؟ 2008-05-01ئائىلە 2008-07-24مەكتەپتە 2008-07-15تېلېفوندا 2008-07-10رېستۇراندا 2008-07-08
<< ئېنىگىلىزتىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ... | باش بەت | كىتاب-IELTS Express Upper Intermediate Teacher’s Guide >>

评论