-
2008-06-11
cctvئىنگىلىزتىلى نۇتۇق مۇسابىقىسىدىكى ئويغۇرلار
قاسىمجان ئابدۇرېھىم
2004-يىلى قاسىمجان قاتمۇقات سىناق ۋە ئۆتكەللەردىن غەلبىلىك ئۆتۈپ، شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا بىرىنچى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كىتىدۇ.
ئۆزىنىڭ ساپ ۋە ئۆلچەملىك ئامېرىكا ئىنگلىزتىلى، مول ئۇنۋېرسال بىلىمى، ئۇزۇن يىل دەرس سۆزلەش جەريانىدا يىتىلدۈرگەن ئاممېۋى نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك جاسارىتى ۋە يۇمىرىستىكلىقى بىلەن قاسىمجان ناھايىتى تىزلا تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قايىللىقى ۋە ياقتۇرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە ئىزچىل ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرنى ساقلاپ، ئاخىرىقى ئالتە كۈچلۈك ماھىر سۈپىتىدە ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە قاسىمجان ئىزچىل بىرىنچىلىكنى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق ئاخىرىقى خەنزۇچىنى ئىنگىلىزتىلىغا تەرجىمە قىلىش بۆلىكىدە قاسىمجان ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ دىگەندەك ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، ئاخىرى ئۈچىنچىلىككە ۋە ;ئەڭ جەلىپكار ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
ئۇ ھازىر ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، مىللىتىمىز ئۈچۈن قان-تەرىنى ئاققۇزماقتا.2.ئەزمەت رۇستەم(2004-يىلىcctv لوڭقىسى ئىنگىلىزتىلى مۇسابىقىسى)
3.ئادىلجان ئابدۇكېرىم(2005-يىلىcctv لوڭقىسى ئىنگىلىزتىلى مۇسابىقىسى)
4.مەرھابا ئىسھاق(2005-يىلىcctv لوڭقىسى ئىنگىلىزتىلى مۇسابىقىسى)
دىيارىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى随机文章:
ئېنىگىلىزتىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ... 2008-06-25بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئېنگىلىىزچە ئاتىلىشى 2008-06-16

评论
thank you all of you