• 2008-05-18

    ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى ئۇسۇللار

    ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى ئۇسۇللار
    م.ئە.سەبورى
    شىئەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىيانەت تىل تەربىيلەش مەركىزى شىئەن ئېلىكتىرون پەن –تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى تارمىقىدىن


    تۆۋەندىكىلەر تىل ئۆگېنىش جەريانىدىكى پايدىلانغان ماتېرىياللاردىن ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ بىر نەچچە تەتىللىك ئۆيگە قايىتماي كۇرسلارغا قاتنېشىش ۋە قىسقىغىنە 2 يىللىق ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشتىن كېيىن ئۆزۈم بىلەن تەڭ يىللىقتىكى ساۋاقداشلىرىمغا ئېنگىلىزتىلىدىن كۇرس ئېچىش جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگېنىشتىكى ئۇسۇللار :
    1. جۈملە ئۆگېنىش سۆزلۈك يادلاشتىن مۇھىم .
    لۇغەت ئۈستىدىكى سۆزلۈكنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ ، پەقەت مەلۇم شارائىت ئىچىدىكى ئىپادىلىگەن مەنىلا بىزگە سۆزلۈكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
    ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل بىر سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ، يېزىلىش ۋە ئىشلىتىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ كۆز ، ئېغىز ۋە مېڭىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىش ئارقىلىق سۆزنى جۈملە ئىچىدە ئۆگېنىشتۇر .
    2. ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەندە زورلاپ ئاڭلاش .
    چۈشەنمەي تۇرۇپ ئاڭلاۋېرىشمۇ بىر خىل ئۆگېنىش . سىز ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىزمۇ ، لېكىن ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا قۇلاق پەردىڭىز يېڭى بىر خىل تىلغا لايىقلىشىشقا باشلاپ ، چوڭ مېڭىڭىز تەبئىي ھالدا چاستوتىسىنى تەڭشەپ ، يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاڭلاش مەشىقىدە ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقى . ۋاقتىڭىز بولسىلا رادىئو ، كۆپ ۋاستە قويغۇچ (م پ 3)، تېلىۋىزورلاردا ئېنگىلىزچە پىروگراممىلارنى قويۇپ قويۇڭ ، زەن قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .پەقەت ئەتراپىڭىزدىكى شۇ تىلنىڭ مۇھىتى بولسىلا ، ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز ئېشىپ مېڭىۋېرىدۇ . 
    3. ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش .
    تىل ئۆگېنىشتىكى مۇھىم نىشاننىڭ بىرى ئۇنى ئىشلىتىش ، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈندۇر .لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ بىر چوڭ باشقېتىمچىلىقى . ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىلەردىن بولۇشى مۇمكىن :
    1) بەزىلەر كۆرۈپ چۈشىنىشنى تىل ئۆگېنىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىپ ، مەلۇم بىر ئېغىزتىلى مەشىق قىلىدىغان كىتابنى ۋاراقلاپ بېقىپ قانداق ئۆگېنىشنى بىلمەي تاشلاپ قويىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق : ماس كېلىدىغان ماتېرىيال يوق .
    سىزنىڭ ئەسلىدىن ئۆگېنىپ بولغان نەرسىلىرىڭىزنى ئېغىزتىلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىش ، مانا بۇ ئېغىزتىلى ئۆگېنىش ماتېرىيالىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولىشى كېرەك .
    2) ھەرگىز باشقا تىل ئارقىلىق ئېنگېلىزتىلىنىڭ ئوقۇلىشىنى خاتىرىلەپ ئۆگەنمەڭ . چۈنكى تەلەپپۇزدىكى خاتالىقنى تۈزەتمەي تۇرۇپ  بىر تىلنى ھەقىقىي ئىگەللىگىلى بولمايدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش قىزغىنلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزۈپ ، داۋاملىق ئۆگېنىشىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
    3) ئېغىز ئاچالماسلىقتىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ گىرامماتىكىلىق خاتالىق سادىر قىلىشتىن ئەنسىرەشتۇر . ئەگەر ئېنىق بىر گىرامماتىكىلىق مەسلىگە دۇچ كەلمىسىڭىز گىرامماتىكا كىتابىنى كۆرۈپ يۈرمەڭ . مۇددەتتىن بۇرۇن گىرامماتىكا ئۆگېنىش سىزنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش قىزغىنلىقىڭىزغىلا ئەمەس ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنىمۇ يوقىتىۋېتىدۇ .
    شۇڭا ئېغىزتىلى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىپ تىل سېزىمى ھاسىل قىلىشتىنمۇ ياخشى ئۆگېنىش ئۇسۇلى بولمىسا كېرەك .
    4. بىرلا ماتېرىيالنى چىڭ تۇتۇڭ .
    ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىدىغان ماتېرىيالنىڭ كۆپلۈكىدىن قايسىسىنى تاللىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز . بۈگۈن بۇ ماتېرىيالنى ، ئەتە ئۇ ماتېرىيالنى ئۆگېنىش تىل ئۆگېنىشنىڭ سېستىمىلىقلىقىنى يوقىتىدۇ . توغرا ئۇسۇل بىر ماتېرىيالنى تاللاپ ئاساسلىق ئۆگېنىپ ، قالغان ماتېرىياللارنى ئۇنىڭ قوشۇمچە تولۇقلىمىسى قىلىش كۇپايە .
    سوئال ئىشلەش ئىمتاھان بەرگۈچىلەرگە سوئال شەكلىگە پىششىق بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ ، خالاس . لېكىن ئۇقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى تىل ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدۇر .
    5. ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشتە ھەقىقىي تۈردىكى «تېز يېتىشتۈرۈش » دەيدىغان ئۇقۇم يوق .ھەم ماڭىدىغان قىسقا يولمۇ يوق ، پەقەت قانداق ھالدىكى توغرا ئۆگېنىش ئۇسۇلىنى تاللاش مەسلىسىلا مەۋجۇت .
    مەسىلەن : سۆزلۈك ئۆگېنىشتە باشنى چۆكۈرېۋېلىپ يېزىپ يادقا ئېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس . ياخشىسى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش ، بۇنداق قىلغاندا ئاۋاز چىقارغۇچى ئەزالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .
    يۇقىرى ئوقۇش پۇللۇق تىل ئۆگېنىش مەكتىپىنىڭ سىزگە تېخىمۇ ياخشى بىر نەرسە ئۆگىتەلىشىدىن ئۈمىد قىلماڭ ، چۈنكى ئوقۇش پۇلىنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشى سىزنىڭ شۇنچە تىرىشمىسىڭىزمۇ ئۆگىنەلەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ياخشى مەكتەپ پەقەت ياخشى ئۆگېنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ ، خالاس .
    6. بىللە ئۆگېنىدىغان ياخشى ھەمرايىڭىز بولسۇن .
    بۇ ئۆگېنىشىڭىزنىڭ توختاپ قالمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالىدۇ . ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگېنىش ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ .لېكىن يالغۇز بىر ئادەمگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆگېنىش ئۇسۇلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كۈچلۈك ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇ سەۋەبتىن ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ .سىز بىر بىللە ئۆگىنىش ھەمرايى تاپسىڭىز ، ئىككىڭلار ئۆز ئارا بىر – بىرىڭلارنى رىقبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ يۇقىرىقى توسالغۇلاردىن ئاسانلا ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر .
    ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىرەر تىل تەربىيلەش مەركىزىگە قاتناشسىڭىز ، ئەلۋەتتە ،تېخىمۇ ياخشى .

    __
    http://www.rujek.com





发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我