• 2008-04-17

    IELTS بىلەن TOEFLنى تولۇق چۈشىنىۋىلىڭ


    ياسى دېگىنىمىز ئىنگلىزچە International English Language Testing System نىڭ قىسقارتىلمىسى IELTS نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى. بۇ ئىمتىھاننى ئەنگلىيە كامبىرىج ئونىۋىرسىتىتى ئىمتىھان كومىتېتى، ئەنگلىيە مەدەنىيەت كومىتېتى ۋە ئاۋىستىرالىيە خەلقئارا ئېچىش مەھكىمىسى ئورتاق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    ھازىر بۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيەدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىدۇ.

    ياسى ئىمتىھانى ئىككى خىل: بىرى ئوقۇش ئۈچۈن بىرىلىدىغىنى (学术类)، يەنە بىرى چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن بىرىلىدىغىنى (移民类) ، قايسىسىنى بىرىشنى ئۆزىڭىز تاللىسىڭىز بولىدۇ. چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بىرىنچى خىلنى بېرىشىڭىز كېرەك،. كۆچمەن بولماقچى بولسىڭىز ئىككىنچى خىلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىمتىھان ئازراق ئوخشىمايدۇ. بۇ ئىككى ئىمتىھاننىڭ ئاڭلاش ۋە سۆزلەش قىسىمى ئوخشاش، ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە يېزىقچىلىق قىسىمى ئوخشىمايدۇ. كۆچمەنلەر ئىمتىھانىنىڭ سوئالى ئاسانراق. شۇنداقتىمۇ ناۋادا سىز كۆچمەن بولماقچى بولسىڭىز، ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىمتىھاننى بېرىپ كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولمايدۇ. چوقۇم كۆچمەنلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىمتىھاننى بېرىشىڭىز كېرەك. مەن بۇ يەردە كۆچمەنلەر ئىمتىھانىنى تونۇشتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەقسىتىم ئەمەس.

    ئىمتىھان ئالىدىغان مەزمۇنلار: ياسى ئىمتىھانىدا ئاڭلاش، ئوقۇپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق، سۆزلەش قاتارلىق تۆت مەزمۇن بار. ئاڭلاش،، ئوقۇپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى ئىككى يېرىم سائەت. ئېغىزچە ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى 15 مىنۇت ئەتراپىدا، لېكىن بەزىدە بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن.

    ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 9نومۇر. ئالىي مەكتەپلەر ئادەتتە 6 ياكى 6.5 ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىككى يىل. نەتىجە 15 كۈندە چىقىدۇ. مەن تونۇيدىغان ئۇيغۇرلاردىن 7 نومۇر ئالغانلار خېلى بار، 7.5 ئالغانلارنىمۇ ئاڭلىدىم. خەنزۇلاردىن 8 ئالغانلار بار دەپ ئاڭلىدىم.

    قىيىنلىق دەرىجىسى: مېنىڭچە، ناۋادا سىز ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن بولسىڭىز 6 دىن يۇقىرى نومۇر ئالالايسىز. لېكىن چوقۇم شۇنداق بولۇشى ناتايىن، چۈنكى مەن بىلىدىغان بىر نەچچە بۇرادەر ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن، لېكىن 5.5 نومۇر ئالدى.

    تىزىملىتىش ئۇسۇلى:ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھاننى مالىيە-ئىقتىساد ئونۋىرسىتىتىدا ئالىدۇ، لېكىن تىزىملىتىشنى توردا تىزىملىتىسىز. تىزىملىتىدىغان تورنىڭ ئادىرىسى: http://ielts.etest.net.cn/
    مەسئۇل ئورۇننىڭ ئادىرىسى: مالىيە-ئىقتىساد ئونۋىرسىتىتىدىكى ئىشخانا كومپىيۇتىر بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدە. لېكىن ئۇ يەرگە بارغاننىڭ ھىچىنىمىگە پايدىسى يوق، ھەممە ئىش توردا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىزچە ئىمتىھاننى مۇشۇ بىنادا بىرىسىز.

    ئىمتىھان پۇلى: 1450 يۈەن. پۇلنى بېيجىڭغا ئەۋەتىسىز.

    ئىمتىھان ۋاقتى : ئۈرۈمچىدە 2008-يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. نېمىدىگەن ياخشى!!! مەن 2006-يىلى ئىمتىھان بەرگەندە يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئېلىناتتى. مۇۋاپىق ۋاقىت توغىرلىيالماي شۇنداق قىينالغان. كېلەر يىلى ئالتە قېتىم ئېلىنىدىكەن ئەمەسمۇ. مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ۋاقىت 4-ئاي بىلەن 6-ئايدىكى ئىمتىھان، چۈنكى بۇ ۋاقىتنى تاللىسىڭىز مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاقىتقا ناھايىتى قولايلىق.

    ئەسكەرتىش؛
    1. ئىمتىھانغا كەم دېگەندە بىر ئاي بورۇن تىزىملىتىڭ، بولمىسا ئورۇن قالمايدۇ. ھازىر ئىمتىھان بىرىدىغانلار بەك كۆپ، بولۇپمۇ خەنزۇلاردىن.
    2. ئۈلگە سوئالنى كۆپ ئىشلەڭ. كەم دېگەندە ئۈلگە سوئالدىن 10 نى ئىشلەپ بولۇپ ئىمتىھان بىرىڭ. چۈنكى بۇ ئىمتىھاننىڭ شەكلى بەك ئالاھىدە، توفۇنىڭ شەكلى بىز ئادەتتە بېرىدىغان تىل ئىمتىھانلىرىغا ئوخشايدۇ، لېكىن ياسىنىڭ سوئال شەكلى بەكلا ئالاھىدە. قانداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى مەن ھازىر سۆزلەپ ، سۆزلەپمۇ بولالمايمەن. ئىشقىلىپ سىز جاھاندا كۆرگەن ھەم كۆرمىگەن سوئال شەكلىنىڭ ھەممىسى بار.
    3. توردا تىزىملاتقاندا ئىسمى دېگەن ئورۇنغا ئىسمىڭىزنى، فامىلىسى دېگەن ئورۇنغا دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى تولدۇرىۋىرىڭ. بۇنداقتا ئىمتىھان كېنىشكىڭىزدىكى ئىسمىڭىز تەتۈر چىقىدۇ، ھېچقىسى يوق. ئىمتىھان بەرگەندە نېمىشقا دەپ سورىمايدۇ. چۈنكى بۇنى ئىمتىھانغا كومىسسىيە بولىدىغان چەتئەللىكمۇ بىلىدۇ. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كېنىشكىڭىز توپتوغرا چىقىدۇ. ناۋادا سىز تىزىملاتقاندا ئىسىمىم تەتۈر چىقىۋالدى دەپ ئالماشتۇرۇپ تولدۇرسىڭىز، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىڭىز ئوڭ چىقىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا نەتىجە كېنىشكىڭىز تەتۈر چىقىپ چاتاق بولىدۇ.

    ئالامەت تەپسىلىي يېزىۋەتتىمغۇ! چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا مەندىن سوراڭ.

    2.توفۇ ( 托福) دېگەن قانداق ئىمتىھان؟

    مەن يېقىندا توفۇ، ياسى قاتارلىق ئىمتىھانلار توغرىسىدا بىر نەچچە يازما يوللىماقچى، مۇشۇ مەزمۇنلارغا قىزىقىدىغان تورداشلار ئانچە-مۇنچە دىققەت قىلىپ قويارسىلەر.

    托福 يەنى TOEFL ، Test of English as a Foreign Language، دېگىنىمىز ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى ئويۇشتۇرىدىغان، ئىنگلىز تىلىنى ئاساسىي تىل قىلمىغان دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغا ن سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى. ئادەتتە چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر باشقا دۆلەتتىن كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن توفۇ ياكى ياسى نەتىجىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    توفۇ ئىمتىھانى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. قەغەزگە يېزىپ بېرىدىغان ئىمتىھان PBT (بۇ ئىمتىھان ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، كومپىيوتىردا بېرىدىغان ئىمتىھانCBT (ھازىر شىنجاڭدا مۇشۇ ئىمتىھان شەكلى بويىچە ئىمتىھان ئېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن)، توردا بېرىدىغان ئىمتىھان IBT . يەنى:

    PBT=PAPER BASED TEST

    CBT=COMPUTER BASED TEST

    IBT= INTERNET BASED TEST

    ئىمتىھان ئالىدىغان مەزمۇنلار: دەسلەپتە ئىنگلىزچە ئاڭلاش، گرامماتىكا(قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك گرامماتىكىلىق بىلىملەر)، ئىنگلىزچە ئوقۇپ چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ئېلىناتتى، كېيىن بۇنىڭغا يېزىقچىلىق قوشۇلغان، ھازىر ئاڭلىسام سۆزلەشمۇ قوشۇلدى دەيدۇ. لېكىن شىنجاڭدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا سۆزلەش بارمۇ-يوقمۇ بۇنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن. ھازىرغىچە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن سۆزلەش باركەن دەپ ئاڭلىمىدىم.

    توفۇ نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىككى يىل. سىز مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە چوقۇم مەلۇم بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئىمتىھاننى قايتا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

    قەغەزچە توفۇنىڭ تولۇق نومۇرى 677 نومۇر. ئادەتتە 550دىن يۇقىرى نومۇر ئالالىسىڭىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان بولىسىز، لېكىن چەتئەللەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن 600 دىن يوقىرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ 630دىن ئاشقانلاردىن بىر نەچچىسى بار. دېمەك، 630 دىن يوقىرى نومۇر ئېلىش تامامەن مۇمكىن.

    كومپىيۇتىردا بېرىدىغان توفۇنىڭ تولۇق نومۇرى 300. بۇ ئىككى خىل ئىمتىھاننىڭ سېلىشتۇرمىسى مۇنداق:

    660-677     287-300
    640-657     273-283
    620-637     260-270
    600-617     250-260
    580-597     237-247
    560-577     220-233
    540-557     207-220
    520-537     190-203
    500-517     173-187
    480-497     157-170
    460-477     140-153

    دېمەك، سىز 215تىن يوقىرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. كومپىيوتىردا بېرىدىغان ئىمتىھاننىڭ ياخشى يېرى نەتىجە تىز چىقىدۇ. ئاۋاز سۈپىتىمۇ ياخشى، ئاڭلاش ئىمتىھانى بەرگەندە ناھايىتى قولايلىق. بۇ ئىمتىھاننىڭ بولمايدىغان يېرى، بىر جاۋابنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

    ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان نوقتىسى شىنجاڭ ئونۋىېرسىتىتى چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتوتىدا تەسىس قىلىنغان. ئادىرىسى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى 9- بىنا (فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى، فولكلور موزىيى جايلاشقان بىنا) تۆتىنچى قەۋەت.

    ئىمتىھان پۇلى: دوللارنىڭ قىممىتى چۈشكەندىن كېيىن 1200 يۈن ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

    قىيىنلىق دەرىجىسى: مېنىڭ پەرىزىمچە، ناۋادا سىز ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى 6- دەرىجىدىن ئۆتكەن بولسىڭىز توفۇدا 570 نومۇر ئالالىشىڭىز مۇمكىن.

    بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ۋە كاناداغا چىقىمەن دېسە توفۇ بېرىش كېرەك، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيەگە چىقىمەن دېسە ياسى بىرىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بولۇشى ناتايىن. توفۇ بەرسىڭىز ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيەدىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.

    3. توفۇ(托福) بىلەن ياسى(雅思)نىڭ پەرقى.

    (1) ياسى ئىمتىھانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى جانلىق ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. توفۇ بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكا بىلىمىنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياسى بەكرەك ماس كېلىدۇ، چۈنكى ئاساسەن ھەممىمىز ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بورۇن ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئۆگەنگەن ۋاقتىمىز ئاز، گىرامماتىكا بىلىمىمىز تۆۋەن، بەك كۆپ سۆزلەرنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن ئاشۇ ئاز سۆزلەرنى جانلىق ئىشلىتەلەيمىز. يەنە بىرى خەنزۇلارغار قارىغاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياخشى سۆزلەيمىز، دېمەك ئېغىز تىلى قىسىمىدا ياخشى نومۇرغا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.
    (2) ياسى ئىمتىھانىدا ئاڭلاش، ئوقۇپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق، سۆزلەش قىسىملىرىغا ئايرىم نومۇر بېرىپ تۆتكە بۆلۈپ ئورتاق نەتىجە چىقىرىپ بىرىدۇ. توفۇ ئىمتىھانىدا ئىلگىرى سۆزلەش ئىمتىھانى ئېلىنمايتتى، ھازىر قوشۇلدى. لېكىن شىنجاڭدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا سۆزلەش بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن، لېكىن بىرلا ئومۇمىي نەتىجە چىقىرىپ بىرىدۇ.
    (3)ياسى ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان شەكلى كۆپ خىل، تاق تاللاش، كۆپ تاللاش، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش، قىسقىچە جاۋاب بېرىش، بىرىلگەن جاۋابنى تولۇقلاش، تۈرگە ئايرىش، تۇتاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ھەر خىل سۇئال شەكىللىرى بار. ھەتتا بىر سۇئالنىڭ ئىچىدىمۇ بىر نەچچە خىل جاۋاب بىرىش شەكىلى بار. توفۇ ئاساسەن تاللاش سۇئاللىرى. ياسى ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغانلار كۆپرەك ئۈلگە سۇئال ئىشلەپ ھەر خىل سۇئال شەكىللىرى بىلەن تونۇشسا ياخشى نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    بىلىك كۇلۇبىدىن xjdxwhx يازمىسى

    بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى .ئەسلى ماقالە ئۇلىنىشى  





    评论

  • i already read that,it is so important test tor me,thank you
    nasimy回复susan说:
    you're welcome.
    2008-07-02 00:20:23
  • rahmat sizga yahxi mazmunkan

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我