• 2008-03-16

    ئىنگىلىزتىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە كۈچلۈك تەۋىسىيە

    مەن ھازىر يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىنىڭ 2-قىسمىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىۋاتقىلى 1 ئاي بولاي دەپقالدى(ئەگەر ئىنگىلىزتىلىدىن ئۇنۋىرسال سەۋىيىەرىڭىزنى ئۆستۈرىمەن دەيدىكەنسىز جاھاندا بۇنىڭدىن ياخشى يەنە بىر دەرىسلىك بولماس ) . دەسلەپتە ھىچكىمدىن دەرىس ئالمىدىم . بىر دەرىسنى ئۆگەنگەندە سۆزلۈك بىلەن  تىكىست مەزمۇنىنى  ئەستە ساقلاشتىن  باشقا تۈزۈك نەرسىگە ئىرىشەلمىدىم . شۇنىڭ بىلەن بىېيجىڭدا بولغانكىن 新东方培训يېڭى شەرق تىل تەربىلەش مەكتىپىگە قاتنىشىش نىيىتىگە كەلدىم . ھەققى مەكتەپنىڭ نامىغا لايىق قىممەتكەن ،چىقىشالمىدىم . شۇ ئەسنادا توردىن ئۇلارنىڭ يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىگە قارىتا ئىشلىگەن ۋىدىئو  دەرىسلىكىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم . ئاجايىپ ياخشىكەن . دەرىسلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ نەق مەيداندا ئوقوغۇچىلارغا  سۆزلىگەن ۋاقتىدا ماس قەدەمدە ئىلىنغانكەن . بۇ دەرىسلىكنى ئۆگەنسىڭىز يېڭى شەرق تىل تەربىلەش مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇغان بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوقكەن ،پەقەت ئەمىلى دەرىسخانىغا بارسىڭىز 1000نەچچە يۈز كوي تۆلەيدىغان يېرىڭىز ئوخشىمايدۇ . ئۆقۇتقۇچى دوسكىغا يازغان خەتلەر  ئىكراندا ماس ھالدا چېقىدىكەن . ئۆزۈم ئۆگەنگەندە بىر دەرىستىن لۇغەت ئاختۇرۇپ دېگەندەك 4-5 تال شۇ دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك كىتاپتا يوق سۆز، جۈملىلەر نى كىتاپنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىگە كۆچۈرۈپ قوياتتىم . دەرستىن باشقا ئارتۇقراق ئۆگىنىدىغىنىم شۇ لا بولاتتى . ئەمما بۇ دەرىسلىكنى ئاڭلىغاندا  تەڭ قەدەمدە ئوقۇتقۇچى تەكىتلىگەن نوقتىلارنى كېتابنىڭ بوش يەرلىرىگە يېزىپ ماڭدىم ، كىتابنىڭ ئالا يەرلىرى قالماي ، يازغىدەك يەرمۇ تاپالماي قالدىم بەزىدە . سۆزلۈكلەرنى چۈشەندۈرگەندە شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك يېقىن مەنىلىك سۆزلەر، سۆز بىرىكمىلىرى ، كۆپ ئۇچرايدىغان جۈملىلەر ... دېگەندەك ھەممىنى قوشۇپ سۆزلەيدىكەن . قېيىن نوقتا ، گىرامماتىكا دېگندەكلەرنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيدىكەن . ئېغىز تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز - جۈملىلەر قاتتىق تەكلىتلىنىدىكەن . ئىشقىلىپ ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگەنگىنىڭىزگە قارىغاندا ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 2 ھەسسە كۆپ بىلىمگە ئىگە بولالايدىكەنسىز . ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن ياخشىكەن، سەۋىيەسىمۇ يۇقىرىكەن ( ناچار بولغان بولسا ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسلىكىنى ئىشلىمىگەن بولاتتى ) . ھەربىر دەرىسنىڭ ۋاقتى سىز خۇددى سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئاڭلىغانچىلىك ئىكەن . تەخمىنەن 1-2سائەت ئەتراپىدا . بولمايدىغان يېرى تىلى خەنزۇچە ( ئەلۋەتتە خەنزۇلارنىڭ قۇرغان مەكتىپى بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە ئىشلىمەيدۇ- دە .)
    4 قىسىمنىڭ ھەممىسى تولۇق . ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيەسىگە قايسى ماسلاشسا شۇنى چۈشۈرۈپ، تاللاپ كۆرۈڭ .   mp4  لارغا قاچىلاپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ پېقىرنىڭ ماڭا ئوخشاش ئىنگىلىزتىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگىچىلەرگە قىلغان كۈچلۈك تەۋىسىيەسى .
    چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى :
    1-قىسىم
    2- قىسىم
    2-قىسىم تولۇقلىمىسى
    3- قىسىم
    4- قىسىم 
    بۇ ئادرىسلاردىن چۈشۈرگىلى بولمىسا ئەسلى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن پايدىلىنىڭ

    http://www.verycd.com/topics/33154/





    评论

  • thr
  • 1 - قىسمىنى چۈشۈرسەم كومپىيۇتىرىم ئوقۇيالمىدى ، ئۇ ھۆججەتنى ئوقۇيالايدىغان قويغۇچنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز !
    nasimy回复ali说:
    يۇمشاق دىتال چۈشۈرىدىغان بەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بار . ئىسمى kmplayer . بەيدۇ ياكى گوگىلغا كىرگۈزسىڭىزمۇ تاپقىلى بولىدۇ . دىققەت : ھۆججەتنى قويغاندا ئىككى چەكسىڭىز ئىچىلمايدۇ . قويغۇچنى ئاۋۋال ئېچىۋىلىپ ، قويماقچى بولغان ھۆججەتنى مائۇستا تارتىپ قويغۇچنىڭ يۈزىگە ئەكەلسىڭىز بولىدۇ .
    2008-04-10 12:52:24
  • 1 - قىسىمنى چۈشۈرسەم كومپىيۇتىر ئوقۇيالمىدىغۇ
    nasimy回复ali说:
    قويغۇچنىڭ ياخشىراقىنى ئىشلىتىڭ . kmplayer نى تەۋىسىيە قىلىمەن
    2008-04-04 11:06:18
  • ئۇيغۇر لىنيىسىدىكى بلوگىڭىزغا نىمىشقا مېنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋالدىڭىز
    nasimy回复تەكلىماكان说:
    ھا-ھا-ھا كىلىشكەنرەك ئادەمدىن بىرەنى ئۇچراتسىڭىز ئۆزىڭىزگەە ئوخشىتىپ ،كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىۋالىدىكەنسىزدە
    2008-03-17 22:01:54

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我